سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىشلەنگەن
«ھالە» ماركىلىق ئولىيىن خورما مايلىرى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىشلەنگەن «ھالە»ماركىلىق ئولىيىن خورما مايلىرى كەلتۈرۈلدى. تامىقىڭىزغا لەززەت، ئۆيىڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغۇچى بۇ ياغ يۈز پىرسەنت ساپ، قويۇقلىقى يۇقىرى، قۇۋۋەتلىك، ھەممە تاماققا باپ. ساڭزا سالسىڭىز، پېچىنە-پىرەنىك ئەتسىڭىز تېخىمۇ ئاجايىپ ئوخشاپ كېتىدۇ.
بۇ مايدا ھېچقانداق خولىستېرىن تەركىپى يوق، ئەڭ مۇھىمى ھېچقانداق شەك-شۈبھە يوق. ئىشلىتىش ئۇسۇلى باشقا يېمەكلىك مايلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش. پايدىسى تېنى ئاجىز كىشىلەر، ئاسان زۇكامدايدىغانلار، يۇقىرى قان بېسىمى، بوۋاسىر كېسەللىكلىرى ۋە ئۆپكە ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر ئىشلىتىپ بەرسە شىپا تاپقۇسى.
___ (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2010 يىللىق 4-مايدىكى سانى)
بازارلاردىكى بىر قىسىم چىرايلىق قۇتىلارغا قاچىلانغان ئەخلەت ماينى يەپ ئەقلىنى ۋە ئىمانىنى بۇلغاشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان قەلبى ساپ كىشىلەرنىڭ ئاقىلانە تاللىشى - سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلتۈرۈلگەن ھالە مېيىدۇر. بۇ ماينىڭ باھاسىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇپ دىيارىمىزدىكى زاراڭزا يېغىدىن تۆۋەن، زىغىر مېيىنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويىمىزكى سەئۇدى ئەرەبىستان يېمەكلىك سۈپەت ئۆلچىمى ئىنتايىن يۇقۇرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ماي تارتىدىغان زاۋۇتلىرىمىز تېخى مايلارنىڭ خولىستېرىن تەركىپىنى چىقىرىۋىتەلىگىدەك ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىغا ئىگە ئەمەس. خولىستېرىن ماددىسى بولسا تۈرلۈك كېسەللەرنىڭ مەنبەسى. قان تومۇرلىرى توسۇلۇش، قان قويۇلۇش، يۈرەك كېسەللىكلىرى، بۆرەك ئاجىزلىق، مەزى بېزى كىسەللىكلىرى، ئاسان چارچاش، زۇكامداش، كەم ماغدۇرلۇق، ئىممونىت كۈچى تۆۋەن بولۇش قاتارلىك كېسەللىكلەر بىز يەۋاتقان ماينىڭ خولىستېرىن تەركىۋى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.
نۆۋەتتە قانۇنلۇق يول بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن دىيارىمىزغا كەلتۈرۈلگەن ئولىيىن خورما مايلىرىنىڭ سانى چەكلىك، باھاسى مۇۋاپىق. ئالدىڭىزغا كەلگەن پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتمەي تېز سېتىۋېلىڭ، ئىشلىتىپ كۆرۈڭ، ھالال لوقما بىلەن دۇئاسى ئىجابەت بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ.
جايلارغا توپ تارقىتىش ئالاقە نومۇرى: 13579989913. ئالاقىلاشقۇچى: ئادىل ھاجىم
خورما يىغى ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى
ئابدۇسەمەت داۋۇت داموللا
نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىقدىسادىنىڭ كۈنسايىن ئىلگىرلەپ مىڭىشى بىلەن شىنجاڭ ئىقدىسادىدىمۇ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. جۈملدىن تۇرمۇشىمىز رەڭدارلىشىپ،يىمەك-ئىچمەك سەۋىيىلىرىمىز ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىلگىرلىمەكتە. شۇنداقلا قورساق تۇيغۇزۇش ئەمەس ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنقىلابى باشلانماقتا. مۇشۇ خىل نازۇك ئىلگىرلەش ئاساسىدا خەلقىمىز خىلمۇ-خىل يىمەك-ئىچمەك تۈرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ نىمىنىڭ ساغلاملىق ئۈچۈن ھەقىقىي پايدىسى بار، نىمىنىڭ زىيىنى دىگەن مەسىلە ھەققىدە پىكىر قىلماقتا ۋە ئىزدەنمەكتە. مۇشۇ خۇسۇستا دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تۇنۇش كۆرىنىدىغان ناتۇنۇش نەرسىلەرنى بىلمەستىن ئىستىمال قىلماقتا. ھەم شۇنداقلا ساختا تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىدە ئالداشلارغا كۆنۈپ قىلىپ، پايدا-زىياننى ئايرىيالماس بۇلۇپ قالماقتا. بۇ ئەھۋاللار سەھىيە تارماقلىرىنىڭ يۈكىنى ھەسسىلەپ ئىغىرلىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى پالەچلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سوتسىيالىستىك تەرەققىيات قەدىمىمىزگە پۇتلىكاشاڭ بولماقتا. يۇقارقى سەۋەبلەرنى ھەر بىر جۇڭخۇا پۇقراسى بولغۇچى ئويلىنىپ كۆرۈشى لازىم دەپ ،مەن شۇ ئەسنادا بازار ئارىلاپ، نىمىنڭ تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئىستىمال قىلىندىغانلىقىنى، پايدا زىيىننىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاز-تولا ئويلىنىپ، تۇساتتىن يىڭىدىن بازارغا سىلىنغان خورما يىغىغا كۆزۈم چۈشتى-دە، دەرھال قۇلۇمغا ئالدىم. ئالىقانداقتۇر بۇ ئالدىنىشلار ئىچىدە ئالدىنىپ قىلىش خەۋپى گومانسىراتتى. سۇلياۋ قۇتىنى ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ كۆرۈپ نىمىدۇر نازۇك ئىبارىلەرگە كۆزۈم چۈشتى. ئەرەپچىدىن خەۋىرىم بولغاچقا ماي ئىستىمال قىلىش خەۋپى كەلتۈرۋاتقان «خىلۇسترون ئايرىۋىتىلگەن» دىگەن ئىبارە مىنى سۈيۈندۈردى. شۇندىمۇ ساختا تەشۋىقاتلاردىن قورقۇپ كەتكىنىمدىن، سىتىۋىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچتىم. چۈنكى ساغلاملىق پاك ۋە تەبىئىي نەرسىلەردىن كىلىدۇ ئەمەسمۇ.
ئۆيگە قايتىپ كەسپىمنىڭ تەقەززاسى بويىچە تىببىي كىلاسسىك ئەسەرلەرنى كۆرىۋىتىپ، ھىلىقى خورما يىغى ئىسىمگە كىلىۋالدى. مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ۋاراقلاپ كۆردۈم. ھەقىقەتەن خورما يىغىنىڭ تارىخى«ياغ بۇلۇش تارىخى»، «يىمەك-ئىچمەك سىپىگە قۇشۇلۇش تارىخى»،«دورىلىق ۋە ئۇزۇقلۇق قىممىتى»، خۇسۇسىي ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلاردىن يىتەرلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم. ئاندىن ئۆزەمنى توختىتىپ بىر قۇتا سىتىۋىلىپ كۆرۈپ بىقىش پىلانىدا بولدۇم. سىتىۋىلىپ ئىستىمال قىلىپ ھەقىقەتەن ياخشى تەسىرىنى بايقاپ، چوڭلارغا ئاپىرىپ بەردىم. ئۇلاردىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى تەسىرىنى كۆرۈپ ، يىقىنلىرىمغا تەۋسىيە قىلدىم. مۇشۇ تەۋسىيە ئاساسىدا سۇئال سورىغىچىلارمۇ بولدى. كىتاپ كۆرۈپ ئەتراپلىق چۈشەنچىلەرنى بەردىم ۋە بۇ ياغنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كىرگەنلىكىدىن سۈيۈنۈپ، ھەر مىللەت خەلقىگە تەۋسىيە قىلىش يولىدا ئىزدىنىپ، بەزى كىلاسسىك مەنبەلەرنى ئاختۇرۇپ كۆرۈپ، رايونىمىز شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتى، تۇرمۇش ئەنئەنىسى ۋە ئىستىمال سەۋىيىسىگە تولىمۇ مۇۋاپىق كىلىدىكەن دەپ ئويلاپ، تۈۋەندىكى خورما يىغى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئۇقۇرمەنلەر ۋە ئىستىمالچى ئاممىغا سۇندۇم. ماقالىنى ئوقۇپ كۆرۈش بىلەن خورما يىغىنى تىتىپ كۆرگەيسىز.
خورما يىغى ھەققىدە
كىلاسسىك تىببىي ئەسەرلەردە بايان قىلىنىشىچە خورما يىغى ئەتىۋارلىق دورا ماتىريالى سۈپىتىدە تۇنۇلغان بۇلۇپ، سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى پۈتۈن ئۈمرىدە ئۈچ قىتىم يىيىشكە مۇيەسسەر بۇلالىغان ئىكەن.
بۇ پادىشاھ خانىش،توقال ۋە كىنزەكلەر قەسىرىدىن كىلەلمەي جومۇد(قىتىۋىلىشچان بىھۇشلۇق) كىسلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۇرۇن تۇتۇپ يىتىپ قالغاندا، ئوردا ھۆكۈما ھازىقلىرى ئىلاج قىلالماي ئامالسىز قالغاندا، ئوردا مەسلىھەتچىلىگىدىن خوشنا دۆلەتلەرگە ئېلان بىرىپ نۇرغۇن ھۆكۈما ھازىقلارنى تەكلىپ قىلغان ئىكەن. بۇلاردىن ئەرەب ھۆكۈماسى مىسرلىق ئەبۇلقاسىم ئىستىداتلىق دانىشمەن، كۆپ پەنگە ئالىم بولۇپ، شۇ دەۋر خىمىيىگەرلىكنىڭ كۈچى بىلەن خورما يىغى تەييارلاپ، تۇنجى تەييارلىغان خورما يىغى بىلەن سولتاننى ئالتە ئاي ئىچىدە تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سەلتەنەتنىڭ داۋام قىلىشغا تۆھپە قوشقان ئىكەن. سولتاننىڭ جومود كىسىلى ساقايغاندىن كىيىن، يەنە بىر قىتىم يىيىشكە نائىل بولالىغان بولۇپ، كىيىن قېرىلىق كىسلى تەكگەندە ئۆمرى ئاخىرغىچە يىيىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىكەن. شۇندىن بىرى خورما يىغى مەخپىي رېتسىپ دەپ بىكىتىلىپ، ئوردا ئىچىدە شاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ ئالاھىدە ئۇزۇقى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. تارىخىي دەۋرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن خورما يىغى كۆلەملىشىپ، تەبىب ھازىقلارنىڭ مورەككەپ دورا راسلاش تىخنىكىسىدىكى ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش سەنئىتىنى قوبول قىلىپ، دورىگەرلىك سىپىدىن ئورۇن ئالغان ۋە داۋالاش سىپىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق بۇلۇپ، ھۆللۈكى 1-دەرىجە، ئىسسىقلىقى 2-دەرىجىدۇر.
خورما يىغىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول بۇلۇپ، خوسوسىيىتى خۇشاللاندۇرغۇچى ھەم قۇۋۋەتلىگۈچىدۇر.
خوسوسىيىتى: قان پىلازمىلىرىنى جانلاندۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنى پەيدا قىلىش، نىرىپ ۋە ئەسەبلەرنى قۇۋۋەتلەش، يۈرەككە خوشلۇق يەتكۈزۈش، تىتىكلەشتۈرۈش، تۇسالغۇلارنى ئىچىش ۋە پەي-مۇسكۇل تارتىشىپ قىلىش، قان-تۇمۇر قىتىش، مىڭىگە قۇرۇقلۇق يىتىش ، يىڭى قان پەيدا قىلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى: مىڭىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، كۆپ چارچاش، مىڭە ئاجىزلىق، بۆرەك ۋە ئۇرۇقدان ئاجىزلىقى، تۇتقاقلىق، بەدەن ئىنىرگىيىسى تۆۋەن بولۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاجىزلىق ۋە ھورۇنلۇق، پۇت-قول سىقىراش، كۆپ ئۇيقۇ ۋە قۇرۇقلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك تىترەش، باش قىيىش، ئۇرۇقدان ۋە ئۇرۇق سۈپىتى ناچار بۇلۇش، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمدان ئاجىزلىشىش، بالىياتقۇنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننىڭ ئىممۇنت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش. زىيادە ھۆللۈك ۋە قۇرۇقلۇقتىن بولغان قان بىسىمىنى چۈشۈرۈش، سوغوقلىقنىڭ ئىشىپ كىتىشىدىن كىلىپ چىققان بۆرەك ئاجىزلىشىش، ئاق خۇن كۆپ كىلىش، بەل ئاغرىش قاتارلىقلارغا شىفا بولىدۇ. بۇلۇپمۇ سەۋدا مىزاج كىشىلەرگە، بالىلارغا، ياشانغانلارغا، ئاياللارغا بەكمۇ مۇۋاپىق كىلىدۇ.
خۇرما يىغىنى ئىشلىتىپ ھازىرقى كىسەللىرىڭىزنى داۋالاڭ. كىيىن پەيدا بولىدىغان كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىڭ.
ئۇلۇغ ئالىم ئىبى سىنا كىسەلنى داۋالىغاندىن ئالدىنى ئالغان ياخشىراق،- دەپ توغرا ئىيتقان. ساغلاملىق پادىشاھلىقتۇر. ساغلام ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەن ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداڭ. كەلگۈسىگە ئۇل سالماقچى بولسىڭىز، ساغلاملىق ۋە پاكىزلىقتىن باشلاڭ.
پايدىلىنغان مەنبەلەر:
ئەتتىبۇ ۋەلھايات، ھەدائىقۇل ئەتتىبا، كەنزۇل مۇفرىدات، خەزائىنۇل ئەدۋىيە، تۆھفەتۇل ھۆكەما قاتارلىق مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ئىلىندى.
ئاپتۇر: ئۈرۈمچى شەھەرلىك بەرمان ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكى پەن-تىخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن ئابدۇسەمەت داۋۇت داموللا.
2010- يىلى 7-ئاينىڭ13-كۈنى
كۆپ سورالغان سوئاللار:
نېمە ئۈچۈن ھالە خورما مېيى بازاردىكىدەك سۈزۈك قۇتىغا قاچىلانمىغان؟يىمەكلىك مايلار كۈن نۇرى ئۆتىشىدىغان سۈزۈك قۇتىلارغا قاچىلانغاندا، ئاپتاپنىڭ تەسىرى بىلەن ماينىڭ تەركىبىدە خېمىيىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ماينىڭ سۈپىتى ياكى رەڭگى ئۆزگىرىدۇ. ھەتتا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق تەركىپلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستاندەك يىمەكلىككە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان دۆلەتتە ياكى ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە يىمەكلىك ماي مېتال قۇتىلارغا ياكى كۈن نۇرى ئۆتمەيدىغان پلاستىك بوتۇلكىلارغا ئېلىپ ساقلىنىدۇ. شۇڭا ھالە مايلىرىنىڭ قۇتىسى سېتىشتىنمۇ بەكرەك سالامەتلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، كۈن نۇرى ئۆتمەس قۇتىغا قاچىلانغان.
جايلارغا توپ تارقىتىش ئالاقە نومۇرى: 13579989913. ئالاقىلاشقۇچى: ئادىل ھاجىم